باش_بايراق

خەۋەرلەر

يېڭى

بېيجىڭ — بىرازىلىيەنىڭ ئېسپىرىتو سانتو ئۆلكىسىنىڭ سەھىيە تارمىقى سەيشەنبە كۈنى 2019-يىلى 12-ئايدىكى قان زەردابى ئەۋرىشكىلىرىدە SARS-CoV-2 ۋىرۇسىغا خاس IgG ئانتىتېلاسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە تارمىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 12-ئايدىن 2020-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا دېنگې قىزىتمىسى ۋە چىكۇڭگۇنيا قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان بىمارلاردىن 7370 قان زەردابى ئەۋرىشكىسى توپلانغان.

تەھلىل قىلىنغان ئەۋرىشكىلەر ئارقىلىق، 210 ئادەمدە IgG ئانتىتېلاسى بايقالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 16 ئەھۋال بىرازىلىيە 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي جەزملەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئەھۋالنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئۆلكىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى توپلانغان.

سەھىيە تارمىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقۇملانغاندىن كېيىن بىمارنىڭ IgG نىڭ بايقىغىلى بولىدىغان سەۋىيىسىگە يېتىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 20 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا يۇقۇملىنىش 2019-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدىن دېكابىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر دەلىللەشنى بۇيرۇدى.

بىرازىلىيەدىكى بۇ بايقاشلار، COVID-19 نىڭ ئىلگىرىكى پەرەز قىلىنغاندىنمۇ بۇرۇن جۇڭگودىن سىرتتا جىمجىت تارقالغانلىقىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ دەلىللەرنى قوشقان دۇنياۋى تەتقىقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ يېڭىسى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىلان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى بۇ شەھەردە بىر ئايالنىڭ 2019-يىلى نويابىردا COVID-19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان.

ئىتالىيە رايونلۇق كۈندىلىك گېزىتى L'Unione Sarda نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار تېرە توقۇلمىلىرى ئۈستىدە ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق 25 ياشلىق بىر ئايالنىڭ بىئوپسىيەسىدىن 2019-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ SARS-CoV-2 ۋىرۇسىنىڭ RNA گېنى تىزىملىكىنى بايقىغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتنى ماسلاشتۇرغان راففائېل گىئانوتتى مۇنداق دېگەن: «بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە، COVID-19 يۇقۇملىنىشىنىڭ بىردىنبىر ئالامىتى تېرە كېسەللىكى بولۇپ قالىدۇ».

«رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان يۇقۇم باسقۇچى باشلىنىشتىن بۇرۇن، پەقەت تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تېرىسىدىن SARS-CoV-2 نىڭ ئىزىنى تاپالايمىزمۇ دەپ ئويلىدىم» دېدى گىئانوتتى، «بىز تېرە توقۇلمىلىرىدىن COVID-19 نىڭ 'بارماق ئىزى' نى تاپتۇق».

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ «ئىنسانلاردا SARS-CoV-2 ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەلىلى» ئىكەن.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى بېلۋىل شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكېل مېلھام، ئۆزىنىڭ COVID-19 ئانتىتېلاسى سىنىقىدا مۇسبەت چىققانلىقىنى ۋە 2019-يىلى 11-ئايدا ۋىرۇسقا يۇققانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتقان، گەرچە دوختۇر مېلھامنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ پەقەت زۇكام ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ.

فرانسىيىدە ئالىملار 2019-يىلى 12-ئايدا، ياۋروپادا رەسمىي تۇنجى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خاتىرىلىنىشتىن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن، بىر ئەرنىڭ COVID-19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان.

BBC خەۋەرلىرى 2020-يىلى مايدا پارىژغا يېقىن ئاۋىسېن ۋە ژان-ۋېردىئېر دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىمار «2019-يىلى 14-دېكابىردىن 22-دېكابىرغىچە يۇقۇملانغان بولۇشى كېرەك، چۈنكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالامەتلىرى بەش كۈندىن 14 كۈنگىچە ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ».

ئىسپانىيەدە، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولغان بارسېلونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2019-يىلى 12-مارت توپلانغان سۇ ئەۋرىشكىلىرىدە ۋىرۇس گېنومىنىڭ بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئۇنىۋېرسىتېت 2020-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتتى.

ئىتالىيەدە، مىلاندىكى دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ 2020-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا، 2019-يىلى سېنتەبىردىن 2020-يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆپكە راكىنى تەكشۈرۈش سىنىقىغا قاتناشقان 959 ساغلام كۆڭۈللۈكنىڭ %11.6 ى 2020-يىلى فېۋرالدا تۇنجى رەسمىي ئەھۋال خاتىرىلەنگەندىن بۇرۇن COVID-19 ئانتىتېلاسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، تەتقىقاتتىكى تۆت ئەھۋالنىڭ 2019-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا بايقالغانلىقى، يەنى بۇ كىشىلەرنىڭ 2019-يىلى سېنتەبىردە يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولدى.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، COVID-19 نىڭ ئامېرىكىدا 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى ۋىرۇس جۇڭگودا تۇنجى قېتىم بايقالغاندىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن تارقالغانلىقى بايقالغان.

«كلىنىكىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» ژۇرنىلىدا توردا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، CDC تەتقىقاتچىلىرى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتى توپلىغان 7389 قېتىملىق دائىملىق قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا خاس ئانتىتېلانى تەكشۈرگەن.

CDC ئالىملىرىنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكىدا COVID-19 يۇقۇملىنىشى «2019-يىلى 12-ئايدا مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن»، بۇ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى تۇنجى رەسمىي يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن يۈز بەرگەن.

بۇ بايقاشلار ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىز قوغلاشنىڭ ئىلمىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تارىختا، ۋىرۇسنىڭ تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىنغان جايى كۆپىنچە ئۇنىڭ كېلىپ چىققان جايى ئەمەس بولۇپ چىققان. مەسىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان، ئەمما ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى ئامېرىكىدىن ئەمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئىسپانىيە زۇكامىنىڭ ئىسپانىيەدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

COVID-19 غا كەلسەك، ۋىرۇسنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان بولۇش، ۋىرۇسنىڭ جۇڭگونىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

بۇ تەتقىقاتلارغا قارىتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) «فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى ھەر بىر بايقاشقا ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى تېدروس ئادانوم گېبرېيېسۇس 2020-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىز ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشتىن توختاپ قالمايمىز، بەلكى ئۇنى سىياسىيلاشتۇرمايمىز ياكى بۇ جەرياندا جىددىيلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنمايمىز، پەنگە ئاساسلىنىمىز».


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى