يېڭى دېھلى، 22-ئىيۇن (شىنخۇا ئاگېنتلىقى) — ھىندىستاننىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىسى Bharat Biotech نىڭ Covaxin ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق نەتىجىسى %77.8 ئىكەنلىكىنى يەرلىك تاراتقۇلار سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلدى.
بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىندىستاندىكى 25800 قاتناشقۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق نەتىجىسىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، Bharat Biotech شىركىتىنىڭ Covaxin دورىسىنىڭ COVID-19 دىن ساقلىنىش ئۈنۈمى %77.8 كە يەتكەن».
ھىندىستان دورا كونترول قىلىش باش ئىدارىسى (DCGI) نىڭ مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى (SEC) يىغىن ئېچىپ، نەتىجىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئۈنۈم نىسبىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى.
بۇ دورا شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ۋاكسىنانىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق سانلىق مەلۇماتلىرىنى DCGI غا تاپشۇرغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىركەت چارشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دائىرىلىرى بىلەن «ئالدىن تاپشۇرۇش» يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەلەپ قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە ھۆججەتلەرنى ئاخىرقى قېتىم تاپشۇرۇشقا ئائىت يېتەكچى پىرىنسىپلارنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.
ھىندىستان 16-يانۋار كۈنى ھىندىستاندا ئىشلەنگەن ئىككى خىل ۋاكسىنى، يەنى Covishield ۋە Covaxin ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق COVID-19 غا قارشى كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىدى.
ھىندىستان سېرۇم ئىنستىتۇتى (SII) AstraZeneca-Oxford ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Covishield دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، Bharat Biotech شىركىتى بولسا ھىندىستان تېببىي تەتقىقات كېڭىشى (ICMR) بىلەن ھەمكارلىشىپ Covaxin دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.
رۇسىيەدە ئىشلەنگەن Sputnik V ۋاكسىنىسىمۇ بۇ دۆلەتتە تارقىتىلدى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
